«ئىككىنى ھىمايە قىلىش» چاقىرىقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.06.01

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ خاراكتېرى ئامېرىكا قاتارلىق بىرقىسم دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن خىتاي پۈتۈن دۇنيانىڭ كەسكىن تەنقىدىگە دۇچ كەلگەنىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلدۇرىدىغانلىقى تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 1-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ‹شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى›دا سۆزلىگەن سۆزلىرى بۇندىن كېيىنكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش قىبلىنامىسىدۇر» دېگەن پىكىر يىغىن ئەھلىنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن كېيىنكى «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» خىزمىتىدە بۇنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك يارىتىش خىزمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىش تەكىتلەنگەن.

«شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى كومپارتىيەنىڭ يادرولۇق ئورنىنى ھىمايە قىلىش ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بارچە ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىشىنى ھىمايە قىلىش» تەك بۇ چاقىرىققا قوشۇلغان يېڭى مەزمۇنلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشنىڭ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلىدىغانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش» دېگەن ئەيىب بىلەن قولغا ئېلىنىشى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان كۆپلەپ مەلۇم بولغانىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن چېن چۇەنگو باشلىق خىتاي ئەمەلدارلارغا ئېمبارگو ئېلان قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ خۇلاسىلىگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.