ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پولات - تۆمۈر ساھەسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.03.03


خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەت مىقياسى بويىچە پولات - تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىنى كېمەيتىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان تەپسىلىي خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن پولات ئىشلەپچىقىرىشىنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنى تېزگىنلەش ئۈچۈن كېيىنكى 3، 2 يىل ئىچىدە مەملىكەت مىقياسى بويىچە پولات - تۆمۈر ساھەسىدىن 5 - 6 مىليون ئادەمنى ئىشتىن قىسقارتىشنى پىلان قىلماقتىكەن. مۇتەخەسسىلەرنىڭ قارىشىچە، ئون مىليون توننىدىن ئارتۇق پولات ئىشلەپچىقىرىش سىغىمچانلىقىغا ئىگە بولغان ئۇيغۇر رايونى بۇ سىياسەتنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.

«شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شېركىتى»نىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمى رويتېرس مۇخبىرىغا ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى، نۇرغۇن يېڭى قۇرۇلغان پولات زاۋۇتلىرىنىڭ تاقىلىپ، باھانىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تاقىلىپ كەتكەن زاۋۇتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاز دېگەندە 7 سى 2010 - يىلىدىكى «شىنجاڭ خىزمىتى» يىغىنىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھالقىما تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ سالغان مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلار ئىكەن.

خوڭكوڭ بىلىم ۋە تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى باررىي سائۇتمان رويتېرس مۇخبىرىغا پولات - تۆمۈر ساھەسىدىكى چېكىنىش ۋە ئادەم قىسقارتىش ئۇيغۇر رايونىدا بۇندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تېخىمۇ قېيىنلاشتۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن رايون ۋەزىيىتىگىمۇ بەلگىلىك سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.