27-ئۆكتەبىر كۈنى قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق پەنجىم يېزىسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، كۆپ ساندا ئۇيغۇر ياشلىرى يارىلانغان، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇۋېتىلگەن، دۇكانلارچېقىۋېتىلگەن. باش شىتابى پراگادىكى «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توقۇنۇشنى پەنجىمدىكى بىر مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى بىلەن قازاق ئوقۇغۇچىسى ئارىسىدا يۈز بەگەن جىدەل كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.
بۇ قېتىملىق ۋەقە 2020-يىلى 2-ئايدا قازاقىستاننىڭ ماسەنچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن قازاقلار بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن كېيىن روي بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق مىللەتلەر توقۇنۇشىدۇر. شۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا 10 دەك ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. «ياۋرو-ئاسىيا تورى» نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ توقۇنۇشنى تۇڭگانلارنىڭ ياشانغان بىر قازاقنى ئۇرغانلىقىغا دائىر مىش-مىش گەپ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.
«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋىرىدە، قازاقىستان يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ 28-ئۆكتەبىر كۈنى پەنجىم ئاھالىسىنى يىغىنغا چاقىرغانلىقى، شۇنداقلا ۋەقەنىڭ «ئېتنىك توقۇنۇش» ئىكەنلىكىنى رەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر يېزىدىكى ئاھالىلەردە كەيپىياتنىڭ يەنىلا جىددىي ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ئىككى ئوقۇغۇچى ئارىسىدىكى شەخسىي جىدەلنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ يېزىدا ناھايىتى تېزلا ئېتنىك سۈركۈلۈشكە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبى مەلۇم ئەمەس. چەت ئەلدىكى بەزى ئۇيغۇر تاراتقۇلىرىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ توقۇنۇش قازاقىستان 1991-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈرۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان «ئورالمان» دەپ ئاتالغان قازاقلار بىلەن قازاقىستاننىڭ يەرلىك پۇقرالىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىكەن. ئىلگىرى «ئورالمان» لاردىن بولغان بەزى قازاقلار ئالمۇتا ئوبلاستىغا قاراشلىق ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.