ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ساقچى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.05.27

ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچىلار ھەدەپ كۆپەيتىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ساقچى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنە كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇلار 26-ماي چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر پىلان خىتاي رەئىسى «شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ج خ سىستېمىسىدىكى ئاتالمىش نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزىنىڭ روھى» غا ئاساسەن يولغا قويۇلىدىكەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ج خ خىزمىتى ۋە ج خ قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى يېڭى بالداققا كۆتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش كېرەك.»

بۇ قېتىم دائىرىلەر ئوتتۇرىغا قويغان «ساقچى قوشۇنى قۇرۇلۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» پىلانىڭ يەنە ساقچى كۆپەيتىشىدىن دېرەك بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقى خەۋەردە كونكرېتنى شەرھلەنمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىشكە باشلىغان ئىدى.

ئاقتۇ ناھىيىسى تېخى ئۆتكەن ئايدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۇقىرى مائاش بىلەن 600 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، يېقىندا خوتەننىڭ كېرىيە، چىرا ۋە لوپ ناھىيەلىرى شۇنداقلا قىزىلسۇنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان نەچچە يۈزلىگەن ياردەمچى ساقچىنىڭ جىددىي مەشقلەندۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدىمۇ 200 نەپەر ياردەمچى ساقچىنىڭ قوبۇل قىلىنىپ، ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا سەپلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.