لوندوندا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى ھۆكۈمىنىڭ خەلقئارالىق تەسىرى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

23-فېۋرال كۈنى لوندوندا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى ھۆكۈمنامىسىنىڭ خەلقئارالىق تەسىرى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس مۇھاكىمە ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش سوتچىسى نىچك ۋەتچ ئەپەندى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى رەھىمە مەھمۇت خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پروگرامما ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن قاتنىشىپ سۆز قىلغان. يىغىنغا ئەنگلىيەلىك سىياسىي ئەربابلار، تەتقىقاتچى، پائالىيەتچى ۋە ئاخباراتچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ھەققىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش سوتچىسى نىچك ۋەتچ ئەپەندىم يىغىندا قىلغان سۆزىدە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تەرەپسىز ھۆكۈمىنىڭ 1948-يىلى ب د ت ماقۇللىغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» غا قول قويغان دۆلەتلەرنى ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان، خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغان كۈچلۈك بىر قورال ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار ئۈچۈن زور قانۇنىي ئاساس بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ خەلقئارالىق ئورگانلارنى دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، پات يېقىندا توپلىغان پۈتۈن دەلىل-ئىسپات ۋە ئارخىپلارنى ئاممىغا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رەھىمە مەھمۇت ۋە زۇمرەتئاي خانىملار بولسا يىغىندىكى سۆزىدە ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ھۆكۈمىنىڭ خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغانلىقىنى، مەسىلەن ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ھۆكۈمنامىسى ئېلان قىلىنىپ ئەتىسىلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى رۇبېرت كولۋىللېنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىنىڭ ب د ت تەرىپىدىن ھازىرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئومۇمىي دوكلات ئۈچۈن مۇھىم بىر پايدىلىنىش مەنبەسى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى 11-ۋە 12-دېكابىر كۈنلىرى ئەنگلىيەنىڭ لېۋىرپول شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گ-7 دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدىمۇ ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى ھۆكۈمىنىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغانلىقىنى، ئىرېلاندىيە كېڭەش پالاتاسىدا بۇ يىل 10-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىنى ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىشقان.

ئاخبارات يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نۆۋەتتە ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئەنگلىيە، گېرمانىيە، كانادا ۋە ئارگېنتىنا قاتارلىق ئەللەرنىڭ سوتلىرىغا خىتاي ئۈستىدىن ئەرزنامە سۇنۇشقا تەييارلانماقتىكەن.

يىغىنغا قاتناشقان تەتقىقاتچىلار ۋە سىياسىيونلارمۇ ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىنى تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق ئورگانلار، قانۇن ئورگانلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە پارلامېنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋام قىلغان ماتېرىيال يىغىش، تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش، ئىسپات ئاڭلاش جەريانلىرىدىن كېيىن 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دەپ ھۆكۈم چىقارغانىدى. 63 بەتلىك بۇ ھۆكۈمنامە ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ باش سوتچىسى جېففرېي نايس ئەپەندىم تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.