ئۇيغۇر ئېلىدا «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» نامىدىكى ھەرىكەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ ياش دائىرىسىنىڭ يەنىمۇ كېڭەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
«ئاقسۇ خەۋەرلەر تورى» ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ۋىلايىتىمىز كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئەتراپلىق ئۆستۈردى. 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، تۈرلۈك تولۇقلىما خاراكتېرلىك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، 73 مىڭ 800 ئادەم (قېتىم) نى تەربىيەلەپ، ئاپتونوم رايون چۈشۈرۈپ بەرگەن نىشان-ۋەزىپىنى 141.92 پىرسەنت تاماملىدى.»
دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، بۇ ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» تە «40 ياشتىن يۇقىرى ئاياللار بىلەن 50 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەر» نى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «يېزىلاردىكى 40 ياشتىن يۇقىرى ئاياللار، 50 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئەمەلىي گەۋدىسىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى يولغا قويۇلدى.»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغاندا بۇ لاگېرلارنىڭ «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئورنى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغاندىمۇ، ئوخشاشلا بۇ ئىشچىلارنىڭ «كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» تە، «40 ياشتىن يۇقىرى ئاياللار بىلەن 50 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەر» نى مۇھىم نۇقتا قىلغانلىقىنى، رايوندىكى لاگېرلارنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقى ۋە ئاتالمىش «تەربىيلەش» نىشانلىرىنىڭ ياش قۇرامىنىڭ ئوتتۇرا ياشلىقلار قاتلىمىغا قاراپ سوزۇلىۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.