تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى «نامراتلارنى كۆچۈرۈپ روناق تاپقۇزۇش مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، ئۇنىڭغا 300 مىليون سوم مەبلەغ ئاجراتقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ 300 مىليون سوم مەبلەغ ئاساسلىقى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ روناق تاپقۇزۇش تۇرالغۇسى، سۇ، توك، يول، گاز، ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياساش ۋە ئۇنىڭغا يانداش بولغان مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىلىدىكەن. خەۋەردە «كۆچۈرۈپ روناق تاپقۇزۇش تۈرى» گە كىرىدىغان بۇ نامراتلارنىڭ كىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قەيەرگە كۆچۈرۈلىدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن كۆچۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بىر يىپ ئۇچى بېرىلمىگەن. بىراق، خەۋەردە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ روناق تاپقۇزۇش كىرېدىت خىزمىتى، ۋاقتىنىڭ جىددىيلىكى، ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقى تىلغا ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇشقا قاتنىشىدىغان ئورۇنلار «دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە بانكىسى»، «شىنجاڭ دۆلەت مۈلكى سېلىنما چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى»، «شىنجاڭ يۆلەش-ئېچىش تەرەققىيات شىركىتى» ۋە شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ناھىيە، شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇندىن ئىلگىرىمۇ «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكىگەن ئىدى. بۇ سىياسەت ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئېلىدا نۇرغۇن نارازىلىقلارنىڭ قوزغىلىشىغا ۋە ھەتتا شياۋگۈەن ۋەقەسى، ئارقىدىن ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئوخشاش قانلىق ۋەقەلەرنىڭمۇ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان.