«ئاچقۇچلۇق ئامال جاۋابكارلىق» دېگەن ۋولكېر تۈركنىڭ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالماسلىقى تەنقىدكە ئۇچرىدى
2024.01.02
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركنىڭ يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن «ب د ت خەۋەرلىرى» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇكرائىنا بىلەن غەززەدە رۇسىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى، كىشىلىك ھوقۇقتىكى «ئاچقۇچلۇق ئامالنىڭ جاۋابكارلىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى جاۋابكارلىقنى تىلغا ئالماسلىقى تەنقىدكە ئۇچرىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئىجرائىيە دىرېكتورى كېننىس رۇس X تا ۋولكېر تۈركنىڭ سۆزىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، «شىنجاڭدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغان ۋە جازالىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەشنى رەت قىلغان ۋولكېر تۈركنى كىم جاۋابكارلىققا تارتىدۇ» دەپ سوئال قويغان.
ۋولكېر تۈرك «ب د ت خەۋەرلىرى» گە قىلغان سۆزىدە، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى «ئاچقۇچلۇق ئامالنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىش» ئىكەنلىكى، لېكىن دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم توقۇنۇشلاردا بۇ «ئاچقۇچلۇق ئامالنىڭ غايىب» بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ، غەززەدىن ئۇكرائىناغىچە بولغان توقۇنۇشلاردا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشنى تۈگىتىشتىكى ھالقىلىق ئامىلنىڭ جاۋابكارلىق ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ غەززەدىكى توقۇنۇش ھەققىدە «ئۇرۇش جىنايىتى» گە ئائىت دەلىللەرنى توپلاپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى قانۇنىي جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇنىڭ سۆھبەتتە ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاينىڭ جاۋابكارلىقىنى تىلغىمۇ ئېلىپ قويماسلىقى دىققەت قوزغىغان. كېننىس رۇس X تا ئېلان قىلغان ئىنكاسىنى سابىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى خىتاينىڭ قىلمىشىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن» دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ۋولكېر تۈركنىڭ خىتايغا قارىتا «ھېچقانداق ئەيىبلەشتە بولمىغانلىقى» نى كۆرسەتكەن. ۋولكېر تۈركنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى پات يېقىندا خىتاينىڭ قەرەللىك كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قايتا كۆرۈپ چىقىدىغان، بۇ يىغىندىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۇقتىلىق تالاش-تارتىش قىلىنىشى پەرەز قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭدىن ئاتلاپ ئۆتۈشى دىققەت قوزغىماقتا. ۋولكېر تۈرك ئىلگىرى باچېلېتنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» نى داۋاملىق كۈچكە ئىگە، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا سۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن.