خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئارا سودا سىستېمىسىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللاش «خاتالىق» دېگەن سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ خەلقئارا سودا سىستېمىسىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، دۇنيا سودا سىستېمىسىغا خىتاي ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان دوكلاتىدا، ئامېرىكىنىڭ 2001‏-يىلى خىتاينى قوللاپ خاتالاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدە تۈزۈمى خىتاينى بازار ئىگىلىكى ئاساسىدىكى سودا سىستېمىسىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ 2001‏-يىلى خىتاينىڭ بۇ ئورگانغا كىرىشىنى قوللاپ «خاتالاشقانلىقى» نى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا سودا ۋەكىلىنىڭ دوكلاتى ترامپ مەمۇرىيىتى كېلەر ھەپتە خىتاينىڭ ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىش ھارپىسىدا يوللاندى.

پرېزىدېنت ترامپ 2017-يىلى 8‏-ئايدا ئالاقىدار ئورگانلارغا ئامېرىكىنىڭ 301‏-نومۇرلۇق قانۇنىغا ئاساسەن خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش بۇيرۇقى بەرگەن ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن بېرى ئۇنىڭ قائىدە -تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىپ، ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئاتقۇرۇپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى «كۆپ قۇتۇپلۇق سودا سىستېمىسىغا مىسلىسىز خىرىس پەيدا قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتە بەرگەن بازار ئىگىلىكى ئىقتىسادىغا كۆچۈپ، بازىرىنى كەڭ ئېچىۋېتىش ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى، ئۇنىڭ بازىرىنى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ رىقابىتىدىن قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ھەپتە رويتېرسنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئەقلىي مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قىستىشىغا قارشى ئۇنىڭغا قاتتىق «جەرىمانە» قويۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.