ئامېرىكىدىكى مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ئىلمىي تور بەت - سىنو-تۈركىكا تورى يېقىندا ئۇيغۇر رېژىسسور سەيپۇللا مۇتەللىپ ئىشلىگەن «قاراڭغۇ تاغ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدە مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلغان.
ئوبزوردا ھۆججەتلىك فىلىم «قاراڭغۇ تاغ» نىڭ يېقىندا نيۇيوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچى،ئوقۇتقۇچىلارغا كۆرسىتىلگەنلىكى ۋە ياخشى ئىنكاس پەيدا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. نەق مەيداندا يەنە سەيپۇللا مۇتەللىپنىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئىشلەنگەن يەنە بىر ھېكايە فىلىم كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر فىلىم يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «بۇغا» ناملىق ھېكايىسى ئاساسىدا سىنارىيەلەشتۈرۈلۈپ ئىشلەنگەن ئىكەن.
مەلۇمكى، قاراڭغۇ تاغ خوتەندىن ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىغا ئۆتۈشتىكى مۇھىم بىر يول ئېغىزى. 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر قاراڭغۇ تاغ ياۋروپالىق ئېكىسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. سەيپۇللا مۇتەللىپ رېژىسسورلۇق قىلغان مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدا قاراڭغۇ تاغنىڭ بۈگۈنكى رېئال كۆرۈنۈشلىرى چىنلىق بىلەن يورۇتۇلغان ئىكەن.