شى جىنپىڭ خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا كۈچىيىۋاتقان سودا جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ياۋروپانى زىيارەت قىلىدىكەن
2024.04.30
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ كېلەر ھەپتە 6 كۈنلۈك ياۋروپا زىيارىتىدە بولىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا ياۋروپا بىلەن خىتاي ئارىسىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سودا جىددىيچىلىكى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئىسرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىشىدىكەن.
«ئامېرىكا ئاۋازى» (VOA) نىڭ 29-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يەكشەنبە باشلىنىدىغان ئالتە كۈنلۈك ياۋروپا زىيارىتى، ئۇنىڭ 2019-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ياۋروپا زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ياۋروپا زىيارىتى فىرانسىيە، سېربىيە ۋە ۋېنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئاساسلىق نىشان قىلغان ئىكەن.
تەيۋەن دۆلەتلىك دوڭخۇۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى ژۇژا ئاننا فېرېنزى (Zsuzsa Anna Ferenczy) نىڭ قارىشىچە، شى جىنپىنىڭ بۇ قېتىملىق ياۋروپا زىيارىتى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئادالەتسىز سودىغا قارشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان قارشىلىقى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان چەكلىمىلىرىنى بوشىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
ژۇژا ئاننا فېرېنزىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ بۇ زىيارىتى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپادا يەنىلا تەسىر كۈچىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى كۆرسىتىپ قويۇش غەرىزى بىلەن سېربىيە ۋە ۋېنگىرىيەنى زىيارەت قىلىدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ سېربىيە ۋە ۋېنگىرىيە سەپىرىنىڭ سىمۋوللۇقى ئەھمىيىتى زور بولۇپ، ئۇنىڭ بۇداپېشتنى زىيارەت قېلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى بۆلۈنۈشنى كۈچەيتىدىكەن.
ئاسىيا جەمئىيىتى سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى فىلىپ لې كوررې (Philippe Le Corre) نىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە شى جىنپىڭنىڭ ماكرون بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا سودا-تىجارەت مەسىلىسى ئاساسلىق سۆز تېمىسى بولسىمۇ، ئەمما فىرانسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ بۇ ئۇچرىشىشتا خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللاش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى پەرەز قىلىنماقتىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ بىر قانچە شىركىتىگە بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ پارچە سېتىش شىركىتى بولغان شېينغا قارىتا بىخەتەرلىك قائىدىسىنى تېخىمۇ چىڭىتقان، رەقەملىك مۇلازىمەت قانۇنىغا ئاساسەن تىكتوك ئۈستىدىن رەسمىي سوت ئاچقان ئىدى.
23-ئاپرېل ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چوڭ بازىرىدىن چەكلەشنى مەقسەت قىلغان يېڭى قانۇننى ماقۇللىغان ئىدى.