ما شىڭرۈي: «شىنجاڭدا ‹ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش› مۇقەررەر يۈزلىنىش»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ سۆزىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، 7-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەممەيلەنگە ئايان. بۇ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان مۇقەررەر يۈزلىنىش».

ما شىڭرۈي يەنە چەت ئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەر «ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى» دەپ ئاتاۋاتقان خىتاينىڭ رايوندىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ۋە «مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» نى تېزلىتىدىغان سىياسەت ھەم تەدبىرلەرنىڭمۇ داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرى تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «ئۇيغۇر رايونىدا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ مەۋجۇت بولغان ياكى بولمىغانلىقى» ھەققىدە سوئال سورالغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ سوئالغا «شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى»دىن ۋەكىل بولۇپ كەلگەن دىلشات پەرھات ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغان. دىلشات پەرھات، «شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ‹جۇڭخۇا مەدەنىيىتى› باغچىسىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى، زور تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش دەۋرىنى كۈتۈۋالغانلىقى» توغرىلىق لاپ ئۇرغان.

ھالبۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى رايوندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.