ئايال كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «خەلقئارا جەسۇر ئاياللار مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن مېيىپ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى نى يۈلەن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. مۇراسىمدا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي نۇتۇق سۆزلەپ، نى يۈلەننىڭ «خىتايدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، تولۇق ۋە تەڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش يولىدىكى يېتەكچىلىك رولى» نى ماختىغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەر يىلى ھەر قايسى ئەللەردىكى تىنچلىق، ئادالەت، كىشىلىك ھوقۇق، ئاياللار باراۋەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالاھىدە رول ئوينىغان ئاياللارغا «خەلقئارا جەسۇر ئاياللار مۇكاپاتى» بېرىپ كەلگەن. بۇ يىل 14 ئايال بۇ مۇكاپاتنى ئالغان. نى يۈلەن شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

نى يۈلەننىڭ پەيشەنبە كۈنى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار ئۇنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا يول قويمىغان ھەم پائالىيىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا «بۇ، پۈتۈنلەي مېنىڭ شەخسى ئەركىنلىكىمنى چەكلىگەنلىك» دېگەن.

لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ نى يۈلەنگە مۇكاپات بېرىشىدە «باشقا غەرىزى» بار، دەپ تەنقىد قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي پەيشەنبە كۈنى «ئامېرىكىنىڭ ئۇنداق ئادەمگە مۇكاپات بېرىشىدە باشقا غەرىزى بار. بىز چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوللىنىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول تىقىشىغا قارشى تۇرىمىز» دېگەن.