خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانى «چىپ (مىكرو ئۆزەك) نى قورال قىلىۋالدى» دەپ ئەيىبلىگەن
2024.01.11
يىللاردىن بۇيان ئامېرىكادىن مىكرو ئۆزەك ئالالماي، تېخنىكا ۋە ھەربىي سانائەتتە تېخىمۇ ئىلغار سەۋىيەگە يېتەلمەي قىينىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدىلىكتە ئامېرىكانى ئەيىبلەپ «مىكرو ئۆزەكنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەپ، ئۇنى ئۆزىگە قورال قىلىۋالدى» دېگەن.
ئامېرىكانىڭ سودا-ئىقتىساد خەۋەر قانىلى بولغان CNBC نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 11-يانۋار كۈنى خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ مىنىستىرلىقىنىڭ 2024-يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «بىز ئامېرىكانىڭ گوللاندىيە شىركىتىنىڭ خىتايغا يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىشىنى جىددىي مەسىلە دەپ قاراۋاتىمىز. مىكرو ئۆزەك ئېكسپورتىنى كونترول قىلىۋالغان ئامېرىكا ئۇنىڭدىن قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتىدۇ» دېگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى بولغان مىكرو ئۆزەكنى خىتاينىڭ ھەربىي سانائەتكە ئىشلىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش تەدبىرىنى يولغا قويغان. گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى مىكرو ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشقا دائىر يېڭى چەكلىمە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ مىكرو ئۆزەك ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان.
خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ 11-يانۋار كۈنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رايموندو (Gina Raymondo) بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئامېرىكانىڭ مىكرو ئۆزەكنى ئېكسپورت قىلىشنى كونترول قىلىۋېلىشىغا بولغان نارازىلىقى ۋە ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ھەققىدە تېخى مەلۇمات بەرمىگەن.