خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، تاڭزۇڭزا چاغىنى كېلىش ھارپىسىدا كۇچا شەھىرىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى يەرلىك ئامما بىلەن بىرلىكتە تاڭزۇڭزا تۈگۈش، تاڭزۇڭزا يېيىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. كۇچا شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ ئۇلۇغچات بازىرىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە كۇچا شەھەرلىك پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت ئورنى خىزمەتچىلىرى يېزىلارغا چۈشۈپ، يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن تاڭزۇڭزا چاغىنى ئۆتكۈزگەن ۋە بۇنى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى جانلاندۇرۇش» دەپ ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھەر قانداق ئەنئەنىۋى بايرىمى كەلسە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرى جانلىنىپ كېتىدىكەن، چۈنكى خىتاي مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇنى يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۇلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە تۆھپە يارىتىش نۇقتىسى ئىكەن. بۇ خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان كۇچا شەھەرلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ يېزىلارغا چۈشۈپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە توپلاپ تاڭزۇڭزا چاغىنى ئۆتكۈزۈشى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلار بۇ بايرامنى بېسىم، قورقۇنچ، يالغان كۈلكە ۋە ساختا قىزغىنلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدىكەن.