ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ئاتالمىش «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» دەيدىغان بىر خىل ھەرىكەت قوزغاپ، ھەممە كىشىنى «ئۆزلۈكىدىن مەسىلە تاپشۇرۇش» ۋە ياكى «پاش قىلىش» ھەرىكىتىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.
«جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» نىڭ 28-ماي كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە «توقسۇن ناھىيەسىدىكى قارا كۈچلەرگە ۋە قارا كۈچلەرگە مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولغانلارنى جازالاش ھەرىكىتىدىن كېيىن، توقسۇن ناھىيەسىدە ئۆتكەن 11-ئايدىن بۇيان 51 نەپەر كادىر ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئۆزلۈكىدىن كېلىپ مەسىلە تاپشۇردى» دېيىلگەن. دىققەت قوزغايدىغىنى خەۋەردە توقسۇن ناھىيە چارۋىچىلىق سىستېمىسىدىكى ئەمرىدىن نۇردۇن قاتارلىق 3 نەپەر دۆلەت كادىرىنىڭ ئەمىلىنى سۈيئىستىمال قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى، ئىككى نەپىرىنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى «قارا كۈچلەرنى تازىلاش ھەرىكىتى» گە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلارنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىش مەخسۇس قارار ماقۇللىغان.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن بۇ يىل 3-ئايدا «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە تەھقىقلەش، قولغا ئېلىش، ئەرز قىلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بىرلىكتە ئىمزالىغان.
ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى رەھبىرىي شەخسلەر ۋە كادىرلار قاتلىمىغا بولغان نازارەتنى ۋە ئۇلارغا بولغان تەكشۈرۈش ھەم زەربە بېرىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن: «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالتاي ۋىلايەتلىك شۆبە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئالماسلىق قارار قىلىنغان، ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىنغان، ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىنغان دېلولارغا «قايتا قاراپ چىقىپ»، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» «مۇناسىۋەت تورى» ۋە قارا، رەزىل جىنايەت يىپ ئۇچىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقتى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە دېلو بېجىرىدىغان مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇپ، ھەربىر دېلونى ئىلغاپ تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى» دېيىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر، جايلاردىكى ئەمەلدارلارنى ۋە كادىرلارنى ئۆزلىرىنىڭ كونا خاتالىقلىرى، جىنايەتلىرى، مەسىلىلىرى بولسا ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرۇپ ئىقرار قىلىشقا چاقىرىپ، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا ئېغىر جازالىنىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىدىكى ئاتالمىش «قارا كۈچلەر» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئاتالمىش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، «ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە» زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكى ۋە ئاساسىي نىشانىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدىكى مىللىي ئاڭغا ۋە خەلق ئىچىدە چاقىرىق كۈچىگە ئىگە، دىنىي ئېتىقادنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە ئۆز خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى تەقىبلەش سىياسىتىگە نارازىلىق كەيپىياتى بار كادىرلار، زىيالىيلار، دىنىي زاتلار ۋە باشقىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. يېقىندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن «قارا كۈچلەرگە» چېتىلىپ جازالانغان 6 كادىرنىڭ 3 نەپىرى ئۇيغۇر، بىر نەپىرى قازاق مىللىتىدىن ئىدى.