يېڭى زېلاندىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى «ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم سىياسىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇندى» دەپ ئەيىبلەندى
2020.01.22
خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ چاغانلىق پائالىيىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلايدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرماقچى بولۇشى تەنقىدكە ئۇچرىغان.
«يېڭى زېلاندىيە خەۋەرلىرى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 21-يانۋار كۈنى ۋىللىڭتون شەھىرىدىكى «تې پاپا مۇزىيى» دا چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. پائالىيەت مەيدانى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان لاگېر ۋە باشقا تۈزۈملىرىنى ئاقلايدىغان ھەرخىل تەشۋىقات سۈرەتلىرى بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، زالغا كىرگەنلەر ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيە» ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت چوڭ ھەجىملىك سۈرەتلەرنى كۆرگەن. كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملەرگە يەنە «شىنجاڭ خەلقى دىنى ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا، شىنجاڭدا نورمال دىنى پائالىيەتلەر كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، خەلقنىڭ دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى قانۇن بويىچە قوغدالماقتا» دېگەن خەتلەر يېزىلغان.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ھەرىكىتى «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. «كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ يېڭى زېلاندىيە مۇدىرى مارگارېت تايلور گېزىتكە قىلغان سۆزىدە «خىتاي ئەلچىخانىسى شىنجاڭدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پەردازلاشقا ئۇرۇندى» دەپ تەنقىد قىلىپ «خىتاي بۇ يەردە نامايان قىلماقچى بولغان مەنزىرە ئۇنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن مەخپىي ھۆججەتلىرى بىلەن پۈتۈنلەي زىت» دەپ تەكىتلىگەن.
يېڭى زېلاندىيەدىكى كانتېربۇرىي ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ۋە خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئاننى-مارىي برادىي مەزكۇر گېزىتكە قىلغان سۆزىدە يېڭى زېلاندىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ھەيران قالمىغانلىقى تەكىتلەپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق تەشۋىقاتنى دۇنيا مىقياسىدا قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان چاغانلىق پائالىيەتكە پەقەت بىر نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان بولۇپ، ئۇمۇ پائالىيەتتە ھېچقانداق نۇتۇق سۆزلىمىگەن. پائالىيەتكە قاتناشقان بىر قىسىم ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىمۇ تەبرىك سۆزى قىلمىغان. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ چاغانلىق پائالىيىتىگە بۇ يىل يېڭى زېلاندىيە سىياسەت ۋە ھۆكۈمەت ساھەسىدىكىلەردىن كۆپ كىشى قاتناشماسلىقى دىققەت قوزغايدىغان ئەھۋال بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئاننى-مارىي برادىي «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بىراق يېڭى زېلاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىنى ئاڭلاشقا قىزىقمىغاندەك تۇرىدۇ» دېگەن.