ئامېرىكانىڭ كېلەر ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى بايدىن ھۆكۈمىتى 9-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇرلارنى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىشتىراك قىلىشى سەۋەبىدىن يەنە ئىككى خىتاي شىركىتىگە ئېمبارگو قويغان. خەۋەرلەردە، بۇ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئاخىرقى كۈنلىرىدىمۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە بولغان كىشىلىك ھوقۇق بېسىمىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارالماقتا.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 9-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ «جېجياڭ يۈشى تېخنولوگىيە چەكلىك شىركىتى» نى (Zhejiang Uniview Technologies Co) سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «چۈنكى بۇ شىركەت ئومۇمىي ئاھالىنى، ئۇيغۇرلارنى، ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنى نىشان قىلىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئىشتىراك قىلدى» دېيىلگەن.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى يەنە خىتاينىڭ «بېيجىڭ جوڭدۇن بىخەتەرلىك تېخنولوگىيە گۇرۇھى» نىمۇ قارار تىزىملىككە كىرگۈزگەن. «بېيجىڭ جوڭدۇن بىخەتەرلىك تېخنولوگىيە گۇرۇھى» مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئاپپاراتلىرىغا سېتىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تېخى يېقىندىلا خىتاينىڭ 140 تەك تېخنولوگىيە شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ئامېرىكانىڭ بۇ شىركەتلەرگە كومپيۇتېر ئۆزىكى ۋە يۇمشاق دېتال ياساش ئەسلىھەلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلىگەنىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ سودا قارا تىزىملىكىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەم قىلغان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاشقا باشلىغان. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تۇنجى قېتىم 2019-يىلى خىتاينىڭ داڭلىق تېخنولوگىيە شىركىتى «خەيكاڭ كامېرا شىركىتى» بىلەن «داخۇا تېخنولوگىيە گۇرۇھى» نى جازالىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى يۇقىرىقى ئىككى خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشنىڭ ئالدىدا، يەنى بۇ يىل 11-ئايدا، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن بىراقلا 29 خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنىدى.
