خىتاي ئىسپانىيە سوتىنىڭ جياڭ زېمىننى تۇتۇش بۇيرۇقىغا نارازىلىق بىلدۈردى
2013.11.20
ئىسپانىيە سوتى سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈردى.
ئىسپانىيە سوتى سەيشەنبە كۈنى سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلارنى تىبەت خەلقى ئۈستىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ئىسپانىيە سوتىنىڭ يۇقىرىقى قارارىغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئىسپانىيەنى بۇ ناتوغرا ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىشكە ۋە خىتاي-ئىسپانىيە مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان سېلىۋاتقان تىبەت بۆلگۈنچىلىرىنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويماسلىققا چاقىرىمىز.
ئىسپانىيە دۆلەتلىك جىنايى ئىشلار سوتى ئۇنىۋېرسال ئادالەت پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، ئىسپانىيەدىكى تىبەتنى قوللىغۇچى تەشكىلاتلار خىتاي رەھبەرلىرى ئۈستىدىن سۇنغان ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلغان.
مەزكۇر سوت ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنى 10 يىل سورىغان ۋاڭ لېچۈەن ئۈستىدىنمۇ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.