سىچۈەن ئۆلكىسى سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى تەكشۈرۈلمەكتە
سىچۈەن ئۆلكىسى سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى لى چوڭشى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
بۇ، خىتاي سابىق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى جۇ يوڭكاڭ، مۇئاۋىن جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى لى دوڭشېڭ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇنىڭدەك يېقىندا يەنە ۋە سابىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇئاۋىن رەئىسى ياڭگاڭ ۋە باشقىلاردىن كېيىن تەكشۈرۈلگەن يەنە بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىردۇر.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەت تەرەپ لى چوڭشىنىڭ ئىنتىزام خاتالىقى تۈپەيلىدىن تەكشۈرىلىۋاتانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچ نېمە دېمىگەن.
لى چوڭشى 2007-يىلى، بۆ شىلەي دەۋرىدە سىچۈەن ئۆلكىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان، بۇ يىل سىچۈەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان ئىدى.
62 ياشلىق لى چوڭشىنىڭ خىيانائەتچىلىك ۋە چىرىكلىك بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئۇنىڭ بۆ شىلەي دېلوسى بىلەن باغلىنىشى بار-يوقلۇقى ھازىرچە نامەلۇم.