ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت نامزاتى خىتاينى «ئەڭ چوڭ تەھدىت» دېگەن
2024.07.16
ئامېرىكانىڭ كېلەر نۆۋەتلىك پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىققا تاللىغان جامېس داۋىد ۋانس (J. D Vance) يېقىندا مۇخبىرلارغا بەرگەن جاۋابىدا، خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت دېگەن. بۇ كەلگۈسىدە قۇرۇلۇش ئېھتىمالى بولغان دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاتتىق سىياسەت قوللىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، جامېس داۋىد ۋانس «فوكس خەۋەرلىرى» مۇخبىرىنىڭ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا، دونالد ترامپنىڭ كەلگۈسىدە سۆھبەت يولى بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئارقىدىنلا « مۇشۇنداق قىلغاندا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دىققىتىنى ھەقىقىي مەسىلىگە قارىتالايدۇ، ئۇ بولسىمۇ خىتاي مەسىلىسىدۇر. خىتاي بىزنىڭ دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىتتۇر، خىتاي ھازىر بىزنىڭ دىققىتىمىزنى باشقا ياققا بۇراۋاتىدۇ» دېگەن.
جامېس داۋىد ۋانس دونالد ترامپنىڭ خىتايدىن ئومۇميۈزلۈك چېگرا بېجى ئېلىش تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:« بىز خىتايدىكى قۇل ئەمگىكىنى جازالايمىز، چۈنكى خىتاي ئاشۇ نەرسىلىرىنى (مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى) بىزگە كىرگۈزۈۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خىتايغا سودىدا ئېتىبار بېرىشنى توختىتىش ۋە خىتاي ماللىرىدىن تېخىمۇ يۇقىرى باج ئېلىش ئۈچۈن بىر قانۇن لايىھەسى تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي مېلىدىن ئېلىنىدىغان باج 60 پىرسەنتكە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قانۇن دۇنيا سودىسىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدىكەن؛ خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) نى 2.5 پىرسەنت، يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنى 50 پىرسەنتتىن كۆپ تۆۋەنلىتىدىكەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ 13-ئىيۇل كۈنى قەستكە ئۇچراپ ئامان قالغاندىن كېيىن ئۇنى قوللاش نىسبىتى ئاشقان؛ ئۇ تاللىغان مۇئاۋىن پىرېزىدېنت نامزاتى جامېس داۋىد ۋانسمۇ خەلق ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان سىياسەتچى بولۇپ، خىتايغا قارىتىلغان سىياسەتتە دونالد ترامپ بىلەن ئوخشاش مەيداندا ئىكەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇ ئىلگىرى ئەسكەر بولغان، تىجارەتتە ئۇتۇق قازانغان، ئادۋوكاتلىق قىلغان، كىتاب يېزىپ داڭ قازانغان شەخس بولۇپ، 2023-يىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان؛ 2024-يىل مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىق نامزاتى بولغان.