خىتاي خاككېرلىرى يەنە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى زەربە بېرىش نىشانى قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.12.06

ئەڭ كۆپ ئۇقۇلىدىغان ۋە تونۇلغان تور بىخەتەرلىكى خەۋەر تورى «دارك رىدىڭ» (Dark Reading) ۋە «خاككېرلار خەۋەر تورى» (The Hacker News) نىڭ 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي خاككېرلىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى يەنە زەربە بېرىش نىشانى قىلغان. يەنى خىتاي ئۈندىداردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا جاسۇسلۇق دېتالى قوللانغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ قوللىشى بىلەن خىتاي خاككېرلار «داركنىمباس» (DarkNimbus) دېگەن نامدىكى دېتالنى، يەنى بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا قارشى قوللانغان يامان نىيەتلىك يۇمشاق دېتال «مۇنشايىن» (Moonshine) نىڭ تەرەققىي قىلغان نۇسخىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە ھۇجۇم قىلغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن:

«يېڭىدىن بايقالغان تور تەھدىتى مەشغۇلاتى داڭلىق ئۈندىدار دېتالىدىكى بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى نىشانلاپ، خىتاي بولمىغان تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار توپىغا تەۋە ئاندىرويىد (Android) ۋە ۋىندوس (Windows) ئۈسكۈنىلىرىگە ئىلگىرى بىلىنمىگەن جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتاللىرىنى يوللىغان».

ئامېرىكادىكى تور بىخەتەرلىك شىركىتى بولغان Lookout يېقىندا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفونلىرىنىڭ ھەر خىل يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق يۇقۇملاندۇرۇلۇپ، جاسۇسلۇق قورالىغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى. مەزكۇر شىركەت ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ھەمبەھىرلىنىۋاتقان ياكى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئەپ دۇكانلىرىدىن چۈشۈرۈلگەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاندىرويىد ئەپلىرىنىڭ ئالاھازەل ئۈچتىن بىر قىسمى جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇ يامان نىيەتلىك يۇمشاق دېتاللار قوللانغۇچىنىڭ تېلېفونىدىكى خۇسۇسىي رەسىملەر، ئۇچۇرلار، تېلېفون ئالاقىلىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرۈش ۋە ئۇنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.