«خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى» گۇمان قوزغىماقتا
2024.12.12
12-دېكابىر، «ئىقتىسادشۇناس» (Economist) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئەگەر خىتاي ئىقتىسادى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دېگەندەك كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكەن بولسا، نېمىشقا پۇل پاخاللىقى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ» ناملىق بىر ماقالىدە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى دەۋاتقاندەك ئەھۋالدا ئەمەسلىكى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ گۇمان قوزغايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرى پۇل سىياسىتىنى بوشىتىش، ھۆكۈمەتنىڭ قەرز ئېلىشىنى كېڭەيتىش ۋە پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ. بۇ ھەقتە قىلالايدىغان كۆپ ئىشلار بار. ئەمما تەھلىلچىلەر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۇنچە تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدۇ».
«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلى ئانالىزچى گاۋ شەنۋېن (Gao Shanwen) نىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۈچ پىرسەنت كېمىيىشى، يەنى بۇ يىل تەخمىنەن %5 تىن %2 كە تۆۋەنلىشىنىڭ پۇل پاخاللىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نورمال ئەمەس. خىتاينىڭ ئىلگىرى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) تېز ئاشقان، ئەمما يېقىندىن بۇيان ياخشى ئەمەس. خىتاي كۈچ قۇۋۋىتى قالمىغان قېرىلار، ئىشسىز ياشلار ۋە ئۈمىدىنى يوقاتقان ئوتتۇرا ياشلىقلار بىلەن تولۇپ تاشتى».
«ۋول-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى ۋولتىر راسىل مىد (Walter Russell Mead) يېقىندا خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە يېزىپ، خىتاينىڭ ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشۈۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئىقتىساد مودېلىنىڭ داۋام قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى كۆرسىتىپ، «ھازىر خىتاينىڭ بەزى يەرلىرىدە 2021-يىلدىن بۇيان ئۆي باھاسى تەخمىنەن %30 چۈشۈپ كەتتى. سانائەتتە تاپقان پايدىسى ئۆتكەن بىر يىلدا %17.8 تۆۋەنلىدى. ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى داۋاملىق ئاشماقتا. چەت ئەللىكلەر مەبلەغ سېلىشنى خالىمايۋاتىدۇ» دېگەنىدى.