ئۇيغۇرلار دىيارىدا خىتاي كىملىكى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش تەشۋىقاتى داۋام قىلماقتا

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي بېسىملارنىڭ بىر ئىپادىسى ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر تايانچ كادىرلار توختاۋسىز رەۋىشتە ئېلان قىلىۋاتقان ئوچۇق خەتلەردە ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ.

ئاقسۇنىڭ ۋالىسى مەردان مۇقىيتنىڭ بۈگۈنكى ئوچۇق خېتىدە بولسا، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «پان تۈركىزم» ۋە «پان ئىسلامىزم»نى تۈگىتىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي كىملىكى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش تەۋسىيە قىلىنغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 29-ئاۋغۇست سانىدا ئېلان قىلىنغان مەرداننىڭ ئوچۇق خېتىدە «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ «پان تۈركىزم» ۋە «پان ئىسلامىزم» ئىدىيەلىرىدىن پايدىلىنىپ، تارىخنى بۇرمىلىغانلىقى، «ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان، دىنىمىز ئىسلام» دېگەن شوئارنى تەشۋىق قىلىپ «شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلماقچى بولغانلىقى» ئالاھىدە بايان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئىدىيەنىڭ ھازىرقى ياشلارنى خاتا يولغا باشلاۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئۇ بۇ ھەقتە «‹پان تۈركىزم› ۋە ‹پان ئىسلامىزم› ئىدىيەلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدىكى ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› چۈشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرماقچى بولغان» دېگەن.

مەرداننىڭ ئوچۇق خېتى ئۇيغۇرلارغا خىتاب قىلىش بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۇ «تامچە سۇنىڭ پەقەت ئوكياندىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغانلىقى»نى، ئۇيغۇرلار پەقەت «جۇڭخۇا ئورتاق گەۋدىسى»نىڭ بىر پارچىسى بولغاندىلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقى»نى تەكىتلىگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار بۇنى «جۇڭخۇا كىملىكىنى تەشەببۇس قىلىش ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىش سىياسىتىگە ياندىن مەدەت بەرگەنلىك» دەپ ئەيىبلىدى.