خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى باشلاندى
2015.10.25
دۈشەنبە كۈنىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 18 - قۇرۇلتىيى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قانداق مەسىلىلەرنىڭ ئاساسلىق مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5 - ئومۇمىي يىغىندا ئاساسىي نۇقتا سۈپىتىدە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ۋە كەلگۈسى 5 يىللىق ئىقتىسادىي پىلاننىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
چۈنكى، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ كۆزىتىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئاستىلاشقان، ئاكسىيە بازىرى ۋەيران بولۇشقا ئۇچرىغان بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن ئىدى. لېكىن، شىنخۇئا ئاگېنتلىقى 5 - ئومۇمىي يىغىن ھارپىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن 12 - بەش يىللىق پلانغا يۇقىرى باھا بېرىپ، 12 - بەش يىللىق پىلاننى«ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ بۈيۈك تارىخى مۇساپىسىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە 5 يىل» دەپ ئاتىدى.
لېكىن، ئانالىزچىلار 5 - ئومۇمىي يىغىندا ئىقتىسادىي مەسىلىدىن باشقا يەنە بەلكى ئىلگىرى جازالانغان بىر قىسىم كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئىشىمۇ ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
18 - قۇرۇلتاينىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى 26 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ، 4 كۈن بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ.