ترامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا قويغان 30 مىليارد دوللارلىق چېگرا بېجى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئىشقا كىرىشكەن ئىدى. «بىلۇمبەرگ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قوللانغان بۇ جازا تەدبىرىنىڭ تەسىرى ئاللىقاچان كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
بۈگۈن خىتاي يۈەنىنىڭ قىممىتى 2015-يىلىدىكى خىتاي پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا كۆرۈلگەن كرىزىستىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. يۈەننىڭ داۋاملىق چۈشىشى يەنە باشقا كرىزىسلارغا يول ئاچىدىغان بولغاچقا، كۆزەتكۈچىلەر خىتاي مەركىزىي بانكىسى بەلكىم بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتىكەن.
«بىلومبەرگ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ماللىرىغا قويغان جازا تەدبىرى دەل خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زورىيىش سۈرئىتى ئاللىقاچان ئاستىلاپ قالغان بىر مەزگىلدە بولغان بولغاچقا، بۇ خىتاي ئىقتىسادىغا بېرىلگەن ئىككىنچى بىر زەربە بولغان. بولۇپمۇ خىتايدىكى ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلار مەھسۇتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان بازارنى دەرھال باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكىيەلمىگەنلىكى ۋە نورمالدىكىدىن ئېشىپ كەتكەن چىقىمنى چوڭ تىپلىق شېركەتلەردەك ئاسان ھەل قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ زەربىگە ئۇچرىغان. يۇقىرىدىكى بۇ ئامىللار خىتاينىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ئۆسۈش رەقەملىرىدە تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدىكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۈزەڭگىدىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى تاموژنا بېجىنى يەنە داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، 500 مىليارد دوللارغا چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن خىتاي قاتتىق نارازى بولغان ئىدى. بۈگۈن خىتاينىڭ مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى ۋاڭ شوئېن «دۇنيا سودا تەشكىلاتى» دا سۆز قىلىپ «ئامېرىكا بىزنىڭ بېشىمىزغا تاپانچا تەڭلەپ تۇرۇۋالدى. ئامېرىكا بۇنى بىكار قىلىپ سودا ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي قەدەم ئېلىشى كېرەك،» دېگەن.