خىتاينىڭ سىياسىي كېڭەش ۋەكىللىرى خىتاي تىلىنى مەجبۇرلاشنىڭ ئاساسى قانۇن ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىغا خىلاپلىقىنى ئىنكار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.03.11

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايچىنى «ئورتاق دۆلەت تىلى» نامىدا ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىشى خىتاي ئاساسى قانۇنى ۋە ئاپتونومىيە قانۇنى بىلەن جىددىي توقۇنۇش پەيدا قىلغان.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىتى ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئىككى تۈپ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى يىغىندا بەزى ۋەكىللەر پىكىر بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنى ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىغا خىلاپ ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ ئاساسى قانۇن ۋە ئاپتونومىيە قانۇنى بىلەن توقۇنۇشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«جۇڭگو خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 9‏-مارت بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىككى يىغىندا سىياسىي كېڭەشنىڭ 4 نەپەر ۋەكىلى مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

نىڭشيا ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەكىلى ما زوڭباۋ، خىتاي ئاساسى قانۇنى ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى قوغدالغانلىقىنى تەكىتلەپ، «دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىشى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز تىل يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ» دېگەن.

تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەكىلى بيەنسا لامۇ، «بەزىلەر دۆلەت ئورتاق تىلىنىڭ ئومۇملىشىشى مىللىي تىل يېزىقنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مىللىي تىل يېزىقنى قوغداش بىلەن ھەرگىز توقۇنۇشمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش زۆرۈر» لىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەكىلى يۈكسەك شىجائەت، «شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى قوبۇل قىلىش ناھايىتى يۇقىرىلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، «ئورتاق تىل-يېزىق تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشقا، ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشقا پايدىلىق. . . . .» ئىكەن. يۈكسەك شىجائەت بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش بىكار قىلىنىپ، دەرسلىكلەر يىغىۋېلىنغان بىر ۋاقىتتا قىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2018‏-يىلى 9‏-ئايدىن باشلاپ رايوندىكى پۈتۈن مەكتەپلەردە سىياسەتنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇر تىلى رايوندىكى ھۆكۈمەت، ئىدارە-جەمئىيەتلەردە بىردەك خىزمەت تىلى بولۇشتىن چەكلەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.