كوۋىد مەزگىلىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن تەشۋىقاتلارنى قىلغان ۋە ۋىزىسىز ساياھەتنى يولغا قويغان بولسىمۇ، چەت ئەلدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئازلاپ كەتكەن.
«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 17-ئىيۇل كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىلگىرى چەت ئەل ساياھەتچىلىرى خىتايغا ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن بىر مۇنچە رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشكە مەجبۇر بولغان بولسا، ھازىر خىتايغا پاسپورت بىلەنلا ساياھەتكە بېرىپ، 15 كۈن ساياھەت قىلالايدىغان بولغان؛ ھالبۇكى ئىتالىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، پولشا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتكىلا مۇشۇنداق ساياھەت ئېچىۋېتىلگەن. خىتاينىڭ ۋىزىسىز ساياھەت ھەمدە توردا پۇل تۆلەش سۇپىسىنى يولغا قويۇشى مىڭلىغان چەت ئەل ساياھەتچىلىرىنى خىتايغا جەلپ قىلغان. شۇنداقتىمۇ خىتايغا ساياھەتكە كېلىدىغانلار كوۋىد مەزگىلىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتقا قارىغاندا كۆپ ئاز بولغان.
ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 2019-يىل خىتايغا بارغان ساياھەتچىلەر 49 مىليوندىن كۆپ بولغان بولسا، 2024-يىل 14 مىليون 600 مىڭ ئەتراپىدا بولغان. ئۇنىڭ ئىچىدە 8 مىليون 500 مىڭ ئادەم ۋىزىسىز ساياھەت بىلەن بارغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھازىر بۇرۇنقى خىتايغا ئوخشىماي قالغان بولۇپ، گىئو-سىياسىي زىددىيەت، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ باش كۆتۈرۈشى، چەت ئەل ساياھەتچىلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى، خىتاي شەھەرلىرىدىكى تەقىب-نازارەتنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى خىتايغا ساياھەتكە بېرىشتىن ئاگاھلاندۇرۇشى قاتارلىقلار خىتايغا ساياھەتكە بارىدىغانلارنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەردىن ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايغا ساياھەتكە بارماسلىق» ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭمۇ بۇنىڭدا مۇئەييەن رول ئوينىغانلىقى مەلۇم.