ئىقتىسادىي جازاغا ئۇچرىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قوراللىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى
2024.12.11
ICIJ يەنى خەلقئارا تەكشۈرگۈچى مۇخبىرلار بىرلەشمىسى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا رول ئوينىغان (خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلغان) خىتاي شىركەتلىرى ياسىغان قورال-ياراقلارنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەلقئارا تەكشۈرگۈچى مۇخبىرلار بىرلەشمىسى خىتاي قورال شىركەتلىرىنىڭ، جۈملىدىن شىنجاڭ ساقچىلىرىغا ئاپتوماتىك مىلتىق تەمىنلىگەن، يەنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا رول ئوينىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ھىندىستاندىكى قورال ساتىدىغان شىركەتلەرگە قورال-ياراق ساتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر شىركەتلەردىن چۇڭچىڭ جيەنشې سانائىتى (Chongqing Jianshe) تېكساسقا جايلاشقان شىسىكو ئامېرىكا (Xisico USA) شىركىتى ۋە باشقا ئامېرىكا قورال ساتقۇچىلارغا نەچچە يۈز مىلتىق ساتقان. بۇ شىركەت يەنە قورال-ياراغنى «تەنتەربىيە بۇيۇملىرى» سۈپىتىدە گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان ئوۋچىلىق ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى خەنىس رەيىج (Hans Wrage & Co) غا يوللىغان.
خەلقئارا تەكشۈرگۈچى مۇخبىرلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن كارخانا ئارخىپى ۋە باشقا ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جيەنشې سانائىتىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي سانائەت گۇرۇھى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىسپاتلانغان. بۇ شىركەت خىتاينىڭ بىر قانچە ھەربىي شىركەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ياكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە تۈرتكۈلۈك رول ئوينىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي جازاغا ئۇچرىغانىكەن.