خىتاي دائىرىلىرى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.08.03

خىتاي دائىرىلىرى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتايدىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كېيىنكى ئىزباسارلىرىنى تەمىنلەيدىغان مۇھىم تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاينىڭ سابىق رەئىسلىرىدىن خۇ جىنتاۋ مەزكۇر تەشكىلاتتىن ئۆسۈپ چىققان.

ئۇنىڭدىن باشقا نۆۋەتتە خىتاي ھوقۇق سەھنىسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق شەخسلەردىن باش مىنىستىر لى كېچياڭ، مۇئاۋىن رەئىس لى يۇەنچاۋ، خۇ جىنتاۋنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى، يېقىندا تۈرمىگە تاشلانغان لىڭ جىخۇا قاتارلىقلارمۇ ياشلار ئىتتىپاقىدا ھوقۇق تۇتقان شەخسلەر ئىكەن.

لىڭ جىخۇا بۇ يىل ئىيۇلدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش ۋە ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭمۇ ئەسلى سىياسىي ھاياتىنى شەنشى ئۆلكىسىدىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىدا ۋەزىپە ئۆتەشتىن باشلىغانلىقى مەلۇم.

شىنخۇا ئاخباراتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى ئىسلاھ قىلىش پىلانى» نى ئېلان قىلدى.

پىلاندا، مەركىزىي ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ خادىم ۋە ئورگان ئىسلاھاتى قىلىنىدىغانلىقى، كادىر تاللاش، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە يەنە ياشلار ئىتتىپاق كادىرلىرىنىڭ كۆپىنچە ۋاقتىنى ياشلار بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى «چوقۇم پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا ۋە پارتىيىگە ئەگىشىش» كە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى 1922- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ سانى 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 87 مىليونغا يەتكەن.

شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان باشقۇرۇش بارا-بارا كۈچىيىشكە باشلىغان.

خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ يىل ئاپرېلدا ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيە بىلەن ماس قەدەمدە ماڭالمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۇلارنى ئەيىبلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.