ئامېرىكانىڭ سودا جازاسىغا دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستان ئارقىلىق زىياننى تولدۇرماقچى بولغان
2024.12.04
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ خىتايغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكى سىياسىتى سەۋەبىدىن قويغان جازا تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستانغا بولغان ئېھتىياجى كۈچىيىپ كەتكەن.
خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە پاكىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇ دۆلەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىدىن تارتقان زىيىنىنى تولدۇرۇشنىڭ كويىدا ئىكەن.
ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2023-يىلى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 283 مىليارد 670 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا% 50 يۇقىرى بولغان. ئەمما بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇ تىجارىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىق ھالدا تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ ماڭىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىغان.
شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى لى لىفەن يۇقىرىدىكى قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا دەرھال كېڭەيمەيدۇ، چۈنكى ھەر ئىككى تەرەپ غەربنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك جازاسىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ. دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ، شۇڭا تاشقى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى مەن ئۇنداق تېز ئىلگىرىلەيدۇ، دەپ قارىمايمەن» دېگەن.
ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سودىسىنىڭ تولۇق تەرەققىياتى «خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ياخشىلانغاندا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىلا بارلىققا كېلىشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتكەن.