خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشى يېقىنقى مەزگىللەردە خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ۋە ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. ئەنە شۇ خىل ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئانىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى تەشكىللەپ «قىرغىنچىلىق سەپسەتىسىگە قارشى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى» چاقىرغان.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى كېرىيە، يەركەن، ئاقچى، تېكەس ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئانىلارنى ئېكرانغا چىقىرىپ ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن نۆۋەتتىكى بەختىيار تۇرمۇش ۋە خاتىرجەم ھايات ھەققىدە مەدھىيە ئوقۇتقان. ئارقىدىنلا يىغىن مەيدانىدىكى مۇخبىرلارغا ئاشۇ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ۋە ئانىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالدىن ۋىدىيوغا ئېلىنغان سۆزلىرىنى قويۇپ بېرىپ «غەرپ دۇنياسىدىكى بىر قىسىم دۈشمەن كۈچلەر شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ، دەپ بىزگە تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ. ئەمىلىيەتتە ھەر مىللەت خەلقى ھازىر ئەڭ بەختىيار ھالەتتە ياشاۋاتىدۇ» دېگەن.
ھالبۇكى سىن كۆرۈنۈشلىرىدىكى ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتايچە سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەنئى قىلىنىشىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ۋاستىلىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەمما ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا غەرب دۇنياسىدا ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىرى ياكى لاگېر سىرتىدىكىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئانچە پەرق قىلمايدىغان مۇھىتتا ئىكەنلىكى ئېيتىلىپ «پۈتكۈل رايون نۆۋەتتە ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغان» دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.