خىتاي دائىرىلىرى خىتايغا ئەتكەس قىلىپ ئېلىپ كېرىلگەن 100 مىڭ توننا 40 يىللىق كونا توڭ گۆشلەرنى قولغا چۈشۈرگەن.
BBC نىڭ 26 - ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، 3 مىليارد يۈەن قىممىتىدىكى بۇ گۆشلەر پۈتۈن خىتاي بويىچە ئېلىپ بېرىلغان تازىلاش ھەرىكىتىدە يىغىۋېلىنغان.
بۇ گۆشلەرنىڭ 800 توننىسى خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدە قولغا چۈشكەن. خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، خۇنەندىكى مەزكۇر ھەرىكەتكە قاتناشقان بىر ھۆكۈمەت خادىمى مۇنداق دېگەن: ئىشىكىنى ئاچقىنىمدا گۆشلەر سېسىپ، شۇنداق پۇراپ كەتكەنكى قۇسۇۋەتكىلى تاسلا قالدىم.
بۇ خىلدىكى گۆشلەر گۇاڭشى ئۆلكىسىدىنمۇ قولغا بايقالغان. گۇاڭشىدىكى مۇسادىرە قىلىنغان گۆشلەر 1970 - يىلى توڭلىتىلغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ گۆشلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىرازىلىيە، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەردىن خوڭكوڭ ئارقىلىق ئەتكەس قىلىپ ئەكىرىلگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ گۆشلەر كالا ۋە توخۇ گۆشى بولۇپ، بۇلار ئەسلى خىتايدىكى تاللا بازارلىرى ۋە رېستورانلارغا تارقىتىلماقچى ئىكەن.
دائىرىلەر بۇ ئەتكەسچىلىك دېلوسىغا ئالاقىدار 21 گۇماندارنى قولغا ئالغان.
بۇ گۆشلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بازىرىغا كىرگۈزۈلگەن - كىرگۈزۈلمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
يېىقنىقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە گۆش باھاسى ھەسسىلەپ ئۆرلەپ كەتكەن. گۆش باھاسى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان پەقەت تۆۋەنلىمىگەن بولۇپ، باھا بۇ نۆۋەتلىك رامزاننىڭ ئالىدا يەنە بىر نەچچە يۈەن ئۆرلىگەن ئىدى.
خىتايدا يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى ئەزەلدىن ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. ئۆتكەن يىلى خىتاي بازارلىرىدا چاشقان گۆشىدىن ياسالغان ساختا «قوي گۆشلىرى» بايقالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.