خىتاي ئۇيغۇر ئېلىگە 17 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى پىلان قىلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.03.06


خىتاي ئۇيغۇر ئېلىگە 17 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى پىلان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

شىنخۇ ئاخباراتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر ئېلىگە سالماقچى بۇلغان مەبلەغ خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش، ئۆي قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى ۋە ناراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدىكەن.

خەۋەردە بۇ مەبلەغلەرنىڭ ئاساسلىق قايسى ۋىلايەت - ناھىيەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلىدىغانلىقى كونكرېتىنى كۆرسىتۈلمىگەن.

رويتېرستا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يىللاردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلاردىكى مەسئۇلىيىتىنى تونۇشنىڭ ئورنىغا، تونۇشلارنى رايوندا «شەرقىي تۈركىستان» مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئىسلامچى قوراللىق گۇرۇپپىلارغا دۆڭگەپ كەلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىل، دىن ۋە مائارىپ سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەردىن يەرلىكلەرنىڭ سىرتتا قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر ئۆتكەن 6 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىگە يەنە 600 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان.

رويتېرس بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ھۆكۈمەت دائىرىلىنىڭ يەنە رايوندىكى مەسىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇنى پۇل بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.