خىتاي ھۆكۈمىتى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن نوپۇزلۇق «21-ئەسىر ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ تور بېتىنى تاقىدى. مەزكۇر گېزىت «قاقتى-سوقتچىلىق» قىلغان دېگەن ئەيىبلەش بىلەن تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان ئىدى.
خىتايدا نەشردىن چىقىدىغان «21-ئەسىر ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتى 2001-يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلىشقا باشلانغان بولۇپ، ئۇ «جەنۇبىي ئاخبارات گۇرۇھى» غا قارايدىكەن. بۇ گېزىت ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، خىتايدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە نوپۇزلۇق ئاخبارات-ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ قالغان. گېزىتنىڭ كۈندىلىك نەشر تىراژى 750 مىڭدىن ئاشىدۇ.
بىراق شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەزكۇر گېزىتنىڭ «قاقتى-سوقتىچىلىق قىلغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ گېزىت شېركەتلەرگە، ئەگەر ئۆزلىرىگە پۇل بەرمىسە، شىركەت ھەققىدە يامان خەۋەر يېزىش بىلەن تەھدىت قىلىپ، نەچچە ئون مىليون سوم پۇل يىغىۋالغان. مەزكۇر گېزىتنىڭ باش تەھرىرلىرى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا چىقىپ، گۇناھىنى «ئېتىراپ قىلغان». پەيشەنبە كۈنى خىتاي سوتى بۇ گېزىتتىكى 21 كىشىنىڭ رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەزكۇر خەۋەر دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇنى شى جىنپىڭنىڭ مەتبۇئاتلارنى تازىلاش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە. تېخى تۈنۈگۈنلا ئەركىنلىك سارىيى يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنى باشقىلارغا تۆھمەت چاپلاش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.