خىتاينىڭ پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئامېرىكانىڭ ۋولمارت، سامس كۇلۇبنى ئاگاھلاندۇرغان
2022.01.03
خىتاينىڭ پارتىيە ئىچىدىكى پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە سىياسىي ئىنتىزامنى قوغداشقا مەسئۇل بولغان مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى تور بازىرىدىن «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى ئېلىۋەتكەن ۋولمارت ۋە سامس كۇلۇب شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان. خىتاينىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئىنتىزامنى قوغداشقا مەسئۇل بولغان مەزكۇر ئورگىنىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى يەنى 31-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋولمارت ۋە سامس كۇلۇبنىڭ خىتايدىكى تور بازىرىدىن «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى چىقىرىۋېتىشى «ئەخمەقلىق ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىك» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، سامس كۇلۇب سۈكۈتتە تۇرۇش ئارقىلىق «شىنجاڭ مەسىلىسىنى لېيىتىشقا ئۇرۇنغان» ئىكەن.
ۋولمارت بىلەن سامس كۇلۇب ئۆتكەن يىلى 23-دېكابىر كۈنى پرېزىدېنت بايدېن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئىمزا قويۇپ ئارقىدىنلا ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى بازىرىدىن «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى ئېلىپ تاشلىغان. بۇ ۋەقە خىتاي مىللەتچى تور ئابۇنتلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلىپ، ئۇلار توردا ۋولمارت ۋە سامس كۇلۇبقا قارشى ھۇجۇم باشلىغانىدى.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى باياناتىدا ۋولمارت بىلەن سامس كۇلۇبنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ھېچقانداق سەۋەبسىز رايوندىن بارلىق مەھسۇلاتلارنى چۈشۈرۈۋېتىش يامان غەرەزنى يوشۇرۇپ، ئەخمەقلىق ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئاشكارىلايدۇ. ئېنىقكى، بۇ ئۆزىنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقەگە خىتاي مەركىزى ئىنتىزام كومىتېتىنىڭ ئىنكاس بىلدۈرۈشى، خىتاينىڭ ۋولمارت ۋە سامس كۇلۇبنىڭ ھەرىكىتىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.