ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ھىندىستان ھىندى-تېنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىكەن. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئارگېنتىنادىكى G20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئايرىم ئۇچرىشىپ، يۇقىرىدىكى بۇ ھەمكارلىق ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن. «ياپونىيە ۋاقتى» گېزىتى ۋە «ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىققا تۈرتكە بولغان ئامىلنىڭ ئېنىقلا خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى ناملىرىنىڭ باش ھەرىپلىرى بىلەن «JAI گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ ھىندى-تېنچ ئوكيان رايونىدىكى كېڭەيمىچىلىكىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىريۇسسېلدا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇمۇ پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىراننى چەكلەش ئۈچۈن يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو سۆزىدە: «بىز ئوچۇق-ئاشكارا، ئادىل ۋە ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ دۇنياسىنى ساقلاپ قېلىش، قوغداش ۋە ئۇنى قوللاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز» دېگەن.
ئۇ سۆزى داۋامىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تىجارەت سىستېمىسى ۋە باشقا كېلىشىملەردىن پايدىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان ھەم ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ھازىر بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن دۇنيا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوندى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى خىتايغا قەرز بەرمەسلىككە دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.