خىتاي دائىرىلىرى خوتەندىن تۇغۇت يېشىدىكى 1000 نەپەر ئۇيغۇر قىزنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن

خىتاي دائىرىلىرى 17‏-‏فېۋرال كۈنى «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خوتەندىن يەنە 1000 نەپەردەك ئۇيغۇر قىزنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن.

خىتايدىكى «شىنخۇا تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 17‏-فېۋرال كۈنى خوتەننىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدىن كەلگەن 1005 نەپەر «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» پويىزغا ئولتۇرۇپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە قاراپ يولغا چىققان. خەۋەردە ئۇلارنىڭ ياش-قۇرامى ۋە جىنسى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما خەۋەرگە قوشۇپ بېرىلگەن رەسىمدىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇغۇت يېشىدىكى قىزلار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن سىرت يەنە ئۇلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنى كونترول قىلىشتىكى بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللانماقتا ئىكەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەپ ئىشلىتىشنى مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، دەپ كۆرسەتمەكتە.

«شىنخۇا تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر 17‏-فېۋرال داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، يۇقىرىقى قىزلارنى خىتاينىڭ جياڭشى، شەندۇڭ، خۇبېي، فۇجيەن ئۆلكىلىرىگە يولغا سالغان. مۇراسىمدا خوتەن ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى سۆز قىلىپ، «تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەردە ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇ جايلاردا قېلىشى ۋە قېتىلىپ كېتىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «شىنخۇا تورى» غا بىلدۈرۈشىچە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پىلانى بۇ يىل ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 600 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش، 2‏-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر ۋىلايەت بويىچە 5 مىڭ «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەن.