ئامېرىكا خوڭكوڭلۇقلارغا قۇچاق ئېچىشنى ئويلاشماقتا

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو يېقىندا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭلۇقلارغا كەڭ كۆلەمدە ئىشىك ئېچىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە «ئامېرىكا خىتاينىڭ خوڭكوڭدا ‹دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى› چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە قارشى تەدبىر يوسۇنىدا خوڭكوڭدىن كەلگەن كىشىلەرنى قارشى ئېلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنداق بىر تەدبىر ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى رەھبىرى مىچ ماككوننىلنىڭمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇمۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىكنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن بيېجىڭنى جازالاشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ماككوننېل كېڭەش پالاتاسىغا خىتاب قىلىپ: «ئامېرىكا باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسىنى ئەينەك قىلىشى ۋە بۇ رايوندىكى كىشىلەرگە ئىشىكنى ئېچىشى كېرەك. ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش ۋە كوممۇنىزمدىن قېچىپ كەلگەن مۇساپىرلارغا ئۈمىد چىرىغى بولۇشتەك ئەنئەنىسى بار،» دېگەن.

ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغانندا قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلەپ: «خىتاي خوڭكوڭنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزدى،» دېگەن ۋە خوڭكوڭغا بەرگەن ئالاھىدە تىجارەت ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ 3 مىليونغا يېقىن خوڭكوڭ ئاھالىسىغا ئەگەر ئۇلار خالىسا پۇقرالىق سالاھىيىتى بېرىش يولى بىلەن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.