بۈگۈن ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «فوربېس» تا «خۇاۋېي شىركىتى شىنجاڭ ۋە خىتايدىكى تەقىب سىستېمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.
ماقالە ئاپتورى زەك دوففمان ماقالىسىدە خىتاينىڭ تېخنىكا شىركىتى خۇاۋېينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە چېتىشلىق بىر شىركەت ئىكەنلىكى، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان. ئۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ شىركەت بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا چۈشكەنلىك بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئۆزى بىلەن شېرىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ خۇۋېي شىركىتى تەمىنلەيدىغان 5-گ تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتىكەن. ئامېرىكىنىڭ ئىستىغبارات ئىدارىسى CIA بۇ ھەقتە ئەنگلىيەگە خۇاۋېينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان شىركەتلىكىگە ئائىت پاكىتلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئەنگلىيە چارشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ 5-گ تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىدا خۇاۋېي شىركىتى بىلەن قىسمەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خۇاۋېي شىركىتى بولسا ھازىرغىچە 40 تىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن نازارەت تېخنىكىسى ئۈستىدە ھەمكارلىشىش ھەققىدە توختاملاشقان ئىكەن.
ئاپتور ماقالىسىدە خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇتلەق تەقىپنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەمكارلاشقانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرىنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ماقالىدە يەنە خۇاۋېي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەت دۆلىتى سىستېمىسىنى دۇنياغا تەتبىقلاشتىن ئىبارەت پىلانىغا ھەمكارلاشقانلىق بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئاپتور زەك دوففمان ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا «خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق پۇقرالىرى، دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلىرى، سىياسىي پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، شىركەت-كارخانىلار، ئاممىۋى ئىنستىتۇتلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي مۇئەسسەسەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بار، دەپ ئېنىق يېزىلغان. بىزنىڭ كېلەچەكتە بىز بىلمەي قاپتۇق دېيىشكە ھېچ بىر يولىمىز يوق» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.