2000-يىللاردا تۇغۇلغان خىتاي ياشلىرى ئىلى تەۋەسىدە قەدىمىي يادىكارلىق ئىزدەشكە سەپەرۋەر قىلىنغان
2024.08.15
خىتاينىڭ شىنخۇا تورى تارقاتقان بىر خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس 2000-يىللىرى تۇغۇلغان خىتاي ياشلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ئىزدەشكە سەپەرۋەرلىك قىلغان.
شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ بىر تۈركۈم ئالاھىدە «ساياھەتچىلەر» ئىلى ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيەسىدىكى 4-نۆۋەتلىك «مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تىزىملاش خىزمەت گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرى بولۇپ، ئۇلار ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە نىلقىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرىغا بارىدىكەن ۋە بەزىلىرى چۆل-جەزىرىلەردە، بەزىلىرى قىيالىقلاردا، بەزىلىرى ئېتىزلىقلار ئاستىغا كۆمۈلگەن يادىكارلىقلارنى ئىزدەيدىكەن. سۈرەتلىك خەۋەرگە قارىغاندا، ئارخېئولوگىيەلىك قىدىرىش ۋەزىپىسى تېڭىلغان بۇ ياشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتايلار ئىكەنلىكى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئارخېئولوگىيە ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا بېيجىڭدا مەخسۇس «چېگرا رايون ئارخېئولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىپ، چېگرا رايونلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئارخېئولوگىيەنى قانداق قىلغاندا سىياسەتكە ماسلاشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلىۋاتقان تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئېڭى بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە كۆرسەتمە بەرگەن ئىدى.
شىنخۇا تورىنىڭ يۇقىرىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، نىلقا ناھىيەسىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىزدەيدىغان بۇ ياشلار «ئىلگىرى بايقالمىغان يادىكارلىقلارنى قىدىرىپ تىزىملايدىكەن ۋە تارىخىي گۇۋاھچىلارنى قانداق قوغداشنى ئۆگىنىدىكەن.»