خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ناخشا تېكىستى يازغۇچىسى ياشار شۆھرەتنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
2024.11.28
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 27-نويابىر كۈنى ئۆز تور بېتىدە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 2024-يىل 6-ئايدا تۈرمىگە قامالغان مۇزىكانت ۋە ناخشا تېكىستى يازغۇچىسى ياشار شۆھرەتنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاخباراتتا دېيىلىشىچە، بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن ياشار شۆھرەت، 2022-يىل 27-نويابىر كۈنى «ئاق قەغەز ئىنقىلابى» غا قاتناشتى دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇلۇپ، 21 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ 2023-يىل 11-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى سىچۈەننىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ياشاپ كەلگەن، توردا ئۇيغۇرچە شېئىرلارنى، ناخشا تېكىستلىرىنى ئېلان قىلغان، كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە كىتابلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا ئائىت ئەسەرلەرنى ساقلىغان. 2024-يىل 6-ئاينىڭ 20-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ياشارغا «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىش»، «دىنىي ئەسەبىيلىككە دائىر قانۇنسىز ماتېرىياللارنى ساقلاش» دېگەن جىنايەتلەرنى ئارتىپ 3 يىللىق كېسىۋەتكەن. بۇلار خىتاينىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان ئۇيغۇرلارنى نەدىلا بولسا قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
بۇ ئاخبارات بىلەن بىرلىكتە ياشار شۆھرەت ئىشلىگەن رەپ ناخشىسى تېكىستى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئايرىلدىم ئەڭ ئاخىرقى ئىنسان سېزىمىدىن، ئىزدەيتتىم تەسەللى ئېگىلمەس بوينۇم ۋە تىزىمدىن» دېگەن قۇرلار ئورۇن ئالغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياشار شۆھرەتنىڭ تۇتۇلۇپ قاماققا ئېلىنغان مەزگىلىدە سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئېغىر دەرىجىدە كاناي ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، قەرەللىك دورا ئىچىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.