ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن كېلىدىغان مۇھىم مىنېرال ماددىلارغا بولغان تايىنىشچانلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن قانۇن ماقۇللىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى لىتىي، نىكېل قاتارلىق مۇھىم مىنېرال ماددىلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەمىنلەش مەنبەسى ۋە نىشانى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىپ بۇ ھەقتە قانۇن ماقۇللىغان. بۇ قانۇن ئارقىلىق ئاساسلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن كېلىدىغان مۇھىم ماتېرىياللارغا بولغان تايىنىشچانلىقى ئازايتىدىكەن. لىتىي، نىكېل قاتارلىق مۇھىم مىنېرال ماددىلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىدىغانلىقى مەلۇم.

«ياۋروپا پارلامېنتى تورى» نىڭ 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈندىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان «ھالقىلىق خام ماتېرىيال قانۇنى» ياۋروپانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

مەزكۇر خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «لىتىي، نىكېل قاتارلىق مۇھىم مىنېرال ماددىلار ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل، كۈنتاختا ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ياساشتا ئىشلىتىدىغان مۇھىم خام ئەشيا. بۇ ھالقىلىق خام ئەشيا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشى ۋە كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان خىتاينىڭ سودا-سانائەت سىياسىتى تۈپەيلى لىتىي، نىكېل قاتارلىق خام ئەشيالارمۇ جۇغراپىيەلىك ۋە سىياسىي مەسىلىگە ئايلاندى».

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە، ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا قاراتقان تەكشۈرۈش نىشانى كۈنتاختا، لىتىي ئىئونلۇق باتارېيە، ئاپتوموبىل كامىرى ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى بولغان ئاليۇمىن، پولات قاتارلىق مەھسۇلاتلارغىمۇ قارىتىلماقتا ئىكەن.

گېرمانىيەدىكى برېنرۈتېر تەتقىقات ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە دىرېكتورى جوناتان برېنرۈتېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى خىتايدىن باشقا جايغا يۆتكەش ئىكەن.

جوناتان برېنرۈتېر ئېيتقاندەك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان مۇھىم ماتېرىياللارغا بولغان تايىنىشچانلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن قانۇن ماقۇللىشى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك چارە دەپ قارالماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ قانۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ لىتىي، نىكېل قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك خام ئەشيالارنى ئىمپورت قىلىشتا خىتايغا تايىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.