31-ئۆكتەبىر، «شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈلدىن، دەۋرىمىز رىزۋانگۈللىرىگىچە» ناملىق تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. رىزۋانگۈل تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەقسەت قىلىنغان بۇ پائالىيەتكە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ياشلار قاتناشتى.
ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى راھىلە كامال ئېچىلىش سۆزىدە، رىزۋانگۈلنىڭ پىداكارلىق روھىنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە ياشلىرى ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل ھاشىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدە ئۆزىنىڭ پىداكارلىقى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئۇ 1926-يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتى چىلەك رايونىدا تۇغۇلۇپ، كىچىكىدە ئائىلىسى بىلەن غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەن. 1944-يىلى ئىلىدا باشلانغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە پىدائىي بولۇپ قاتنىشىپ، شەپقەت ھەمشىرىسى سۈپىتىدە يارىدار جەڭچىلەرنى قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ 1945-يىلى 13-يانۋار غۇلجىدىكى ھەرەمباغ جېڭىدە يارىدارلارغا ياردەم بېرىۋاتقاندا شېھىت بولغان، شۇ چاغدا ئۇ 19 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە پىداكارلىقى كېيىنكى يىللاردا شېئىر، رومان ۋە مۇزىكا ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
يىغىندا تارىخچى نەبىجان تۇرسۇن 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنى ۋە رولى ھەققىدە دوكلات بەردى. يازغۇچى سەلىمە كامال، تەتقىقاتچى زۇلھايات ئۆتكۈر ۋە شائىر مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەت خەندان رىزۋانگۈل روھى، قەھرىمانلارنى قەدىرلەشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مىللىي روھنى قوغداش قاتارلىق تېمىلىرىدا سۆز قىلدى. باشقا بىر قىسىم قاتناشقۇچىلارمۇ ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.
پائالىيەتتە رىزۋانگۈل ھەققىدىكى قىسقا فىلىم كۆرسىتىلىپ، ئۇنىڭغا بېغىشلانغان شېئىرلار ئوقۇلدى. تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىننىڭ سىن خاتىرىسى 12-نويابىردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىدە ئېلان قىلىنىدىكەن.
