ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، گېرمانىيەلىك سىياسىيون رېينھارت بۈتىكۆفېر ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنى قوغداپ، خىتاينى جازالاش توغرىسىدا ئىمزا توپلاش ھەركىتى باشلىغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭغا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى، سىياسىيونلار ۋە شەھەر باشلىقلىرى ئىمزا قويغان. رېينخارت بۈتىكۈفېر بۇ ھەقتىكى مەكتۇبىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىستېمىلىق تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىش، ئۆكتىچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش، ئاياللارنى خىتاي كومپارتىيە كادىرلىرى بىلەن بىللە يېتىشقا مەجبۇرلاش، كەڭ كۆلەملىك باسقۇنچىلىققا ئۇچراشتەك ئېغىر ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەنلىكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «ئىنسانلىقنى ئىنكار قىلىشنىڭ يەنە بىر ئاتالغۇسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ قىلمىشىنى تەنقىد قىلىپ قويۇش كۇپايە قىلمايدىكەن. ئۇ كۈچلۈك ھەرىكەت بولمىسا «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقى، «شۇڭا كۈچلۈك ۋە تېز ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكى» نى بىلدۇرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ھۆكۈمەتلەر خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا نىشانلىق ئىمبارگو يۈرگۈزۈشى، دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىپ، خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ بۇ جىنايەتكە شېرىك بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ب د ت نىڭ لاگېرلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشى ۋە قوللىشى كېرەك،» ئىكەن.
ئۇ مەكتۇبىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن: «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ئۆزىمىزنى ‹ئەركىن دۇنيا› دەپ تەرىپلەشنىڭ بىر يولى. بۇ ئۆزىمىزنىڭ نېمە ئىكەنلىمىز ۋە قانداق بولماقچى ئىكەنلىكىمىزنىڭ تەرىپلەيدۇ. ئادالەتسىزلىك ۋە مۇستەبىتلىكنىڭ غەلىبە قىلىشىغا يول قويامدۇق ياكى ئىنساننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۆچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالامدۇق؟ ھازىر پۈتۈن يەر شارى ئومۇمىييۈزلۈك ھەرىكەتكە كېلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى.»