ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدا ئوڭ قانات پارتىيەلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 9-ئىيۇندىكى سايلىمىدا ئوتتۇرا ئېقىم پارتىيەلەر يەنىلا پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىق ئورۇننى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئوڭچىل پارتىيەلەر كۆرۈنەرلىك ئۇتۇققا ئېرىشكەن.

خەۋەرلەردە ئوڭچىل پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنتتا بۇرۇنقىدىن 30 دەك ئارتۇق ئورۇنغا ئېرىشكەنلىكى، بۇ ھال ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارار چىقىرىشىغا قارىتا بەلگىلىك كونترول قىلىش كۈچى ساقلايدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. رويتېرسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى خەلقلەر بىلەت تاشلاپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 720 نەپەر ئەزاسىنى سايلاپ چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتتە بىلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە 360 مىليون ئاھالە بار ئىكەن. ھالبۇكى، سايلامدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق سولچى پارتىيەلەردىن يېشىللار پارتىيەسى زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ پارلامېنتتىكى ئورنى 53 كە تۆۋەنلەپ، 18 ئورۇندىن ئايرىلىپ قالغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

سايلامدا ئوڭچىللارنىڭ زور ئۇتۇق قازىنىشى، ئوتتۇرا ئېقىم مەركىزى پارتىيەلەر يېتەكچى ئورۇندىكى فىرانسىيە، گېرمانىيەگە ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەرنى تەۋرىتىۋەتكەن. فىرانسىيەدە پىرېزىدېنت ماكروننىڭ «قايتا-گۈللىنىش پارتىيەسى» 15.2 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ قاتتىق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن ماكرون فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىپ، يېڭى پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مارىن لېپېننىڭ ئوڭچى «فىرانسىيە مىللىي فرونت پارتىيەسى» 31.5 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ زور ئۇتۇق قازانغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنى قوللاشتا ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتقان مەركىزى سول-سوتسىيالىستلار پارتىيەسى 14 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ، يەتتە ئارتۇق ئورۇنغا ئېرىشكەن ئىدى.

نۆۋەتتە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 40 پىرسەنتتەك ئورنىنى ئىسلام ۋەھىمىسىنى تەرغىب قىلغۇچى ئوڭچى پارتىيەلەر ۋە خىتايغا يېقىن رادىكال سولچى پارتىيەلەرنىڭ ئىگىلىشى تۈپەيلىدىن بۇ يۈزلىنىشنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشقا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى ھەققىدە تۈرلۈك ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.