خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدىكى پۈتۈن ئاھالىلەر رايونلىرىدا «يېپىق باشقۇرۇش» يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى مەھەللە ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىنىڭ بىردەك قامال قىلىنىپ، «يېپىق باشقۇرۇش» يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتايدىكى «جۇڭگو خەۋەرلىرى تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى مەھەللە ۋە ئولتۇراق رايونلاردا پەقەت بىرلا ئىشىك قويۇلۇپ، يۇقۇم خىزمىتى ۋە ئالاھىدە ئەھۋاللارنىڭ سىرتىدا ھەرقانداق شەخسنىڭ سىرتقا چىقىشى ۋە كىرىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 6-ئىيۇل ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن، بۇ قارار «يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭ تارقىلىش يولىنى ئۈزۈش ئۈچۈن ئېلىنغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، ئۇ «پۈتۈن شەھەردىكى كەڭ ئاممىنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا بىز بارلىق ئاھالىلەر رايونلىرىغا قارىتا يېپىق باشقۇرۇشنى يولغا قويىمىز» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر ئاھالىلەر نەرسە-كېرەك زاكاز قىلسا، ئۇنى كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىكى مەخسۇس خادىملار تاپشۇرۇۋېلىپ، ئاندىن ئىگىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.

ئۇ يەنە ھەر بىر ئاھالىنىڭ كۈندە 3 قېتىم قىززىتمىسى تەكشۈرۈلىدىغانلىقى، بىنورمال ئەھۋال بايقالسا دەرھال ئىجتىمائىي رايونغا خەۋەر قىلىنىپ، قائىدىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ئۈرۈمچىدە قايتا تارقىلىپ، دائىرىلەر ۋۇخەندە يولغا قويغان قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزگەن. بۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقۇمنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق تەقىپلەش پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتامدۇ، دېگەن گۇمان قوزغىغانىدى.