يۈننەندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نامايىشى تېزدىن زورايدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.12.16

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا يۈننەننىڭ يۈشى شەھىرىدىكى مەشھۇر ئىمام ما يۈۋېينى خىتاي ساقچىلار قولغا ئالغاندىن كېيىن بۇ ۋەقە شۇ ئەتراپتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. مەلۇم بولۇشىچە ئۇلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا يىغىلىپ نامايىش قىلغان ۋە ما يۇۋېينىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتە، خوڭتا رايونىنىڭ نىئېر مەيدانىغا يېقىن جايدىكى شۇشياڭ چۇەنچۈەنشياڭ رېستورانىنى تۇيۇقسىزلا پۇقراچە كىيىنگەن زور ساندىكى ساقچىلار قورشىۋالغان. نەق مەيداندىكى بىر قانچە سىنئالغۇدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر نەچچە ساقچى رېستوراندىن ما يۈۋېينى ئېلىپ كەتكەن.

رادىيومىزنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ما يۈۋېي يۈچىدىكى بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىنىي پائالىيەتلەرگە بولغان كونتروللۇقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇ كۆپ قېتىم پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان. 15-دېكابىر كۈنى سىرتقا تاماق يېگىلى چىققاندا ئويلىمىغان يەردىن قولغا ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، قولغا ئېلىش ھەرىكىتى ما يۈۋېينى نىشانلاپلا قالماي، ئۇنىڭ بىر قىسىم ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ شۇ كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 16-دېكابىر سەھەردىن باشلاپ، كۇنمىڭ ۋە يۈشى ئەتراپىدىكى جايلاردىن سەپەرۋەر قىلىنغان ھەربىي ۋە ساقچى ماشىنىلىرى نامايىش رايونىغا كىرىپ، يۈچىغا تۇتىشىدىغان تاشيولنى قامال قىلغان ۋە تۇڭگانلارنى سوراق قىلغان.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى شى جيەنيۈ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «سۈرىيە ۋە پەلەستىن مەسىلىلىرىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى خىتايغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە كېڭەيمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن دىنىي كۈچلەرنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك، دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ نامايىشلار يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ بۇ ۋەقە، رايوندىكى مۇسۇلمانلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.