24-سېنتەبىردە ئالماتادا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ كىچىك زالىدا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، گېنېرال زۇنۇن تېيىپوفنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتتى. ئۇنىڭغا زىيالىيلار، يۇرت-جامائەتچىلىك، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتناشتى.
يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورۇنباسارى ئەركىن ئەخمەتوف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئالدى بىلەن زۇنۇن تېيىپوفنىڭ ئۆمۈر بايانى ھەققىدە قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ ئەزالىرى بەختىنۇر سىدىقوۋا، ئادىلەم مەسىمجان ۋە شاھىدەم يۈسۈپوۋالار تەپسىلىي دوكلات قىلدى. ئاندىن سۆزگە چىققان تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋج ئالغان خىتاينىڭ گومىنداڭ باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئازادلىق ھەرىكىتى، ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى، خىتاينىڭ ئىلگىرىكى گومىنداڭ ۋە كېيىنكى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئازادلىق ھەرىكىتىنى بېسىشى، زۇنۇن تېيىپوفنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتتىكى ئورنى ۋە رولى، ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى پائالىيىتى، تەقدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن ئاساسىي ئىدىيىلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قەھرىمان غوجامبەردى، زۇنۇن تېيىپوفنىڭ ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغىتىشتا مائارىپنىڭ رولىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە يارىتىلغان شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، مىللىي مائارىپنى، مەدەنىيەتنى، ئەدەبىياتنى، سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇش لازىملىقىنى، ياشلارنىڭ بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشىنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان «ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ» ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىرى زۇنۇن تېيىپوف 1917-يىلى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ رۇس مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زورلۇق بىلەن كوللېكتىپلاشتۇرۇش دەۋرىگە توغرا كېلىپ، جاي-جايلاردا بايلارنىڭ، ئوتتۇرا ھاللىق دېھقانلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ئىشلىرى يۈرگۈزۈلۈۋاتاتتى. شۇ سەۋەبتىن زۇنۇن تېيىپوف ئائىلىسىمۇ باشقىلار قاتارىدا، غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ، شۇ دەۋرنىڭ ئىناۋەتلىك شەخسلىرىنىڭ بىرى، مەرىپەتپەرۋەر زات ھۈسەنباي مۇسابايېفنىڭ كۆن زاۋۇتىدا ئاددىي ئىشچى، ئاندىن زاۋۇت بويىچە باش ئۇستىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىدى.
تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، زۇنۇن تېيىپوف 1944-يىلى ئاپرېل ئېيىدا قۇرۇلغان مەخپىي «ئازادلىق تەشكىلاتى»غا ئەزا بولۇپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، قاسىمجان قەمبىرى، رەخىمجان سابىرھاجى، ئەلىخان تۆرە، ئابدۇرۇپ مەخسۇم قاتارلىق مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرى بىلەن بىر سەپتە بولدى. ئۇ ئۈچ دەرۋازا، نوۋىيگورود، ‹سىلىڭبۇ› (قوماندانلىق شتابى)، ھەرەمباغ ۋە باشقىمۇ جايلارنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن بولغان شىددەتلىك جەڭلەرگە رەھبەرلىك قىلدى.
زۇنۇن تېيىپوفنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆزگە چىققان ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدىن مۇبارەك ئىسرايىلوۋا ۋە رەغنە قاسېنوۋالار مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇر مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىگە قوشقان تۆھپىسى، ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ھاياتى، ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.
زۇنۇن تېيىپوف 1945-يىلى 8-ئاپرېلدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ مۇئاۋىن قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى. مىللىي ئارمىيەنىڭ پودپولكوۋنىكى، ئاندىن پولكوۋنىكى زۇنۇن تېيىپوف «ئازادلىق»، «ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن كۈرەش»، «باتۇرلۇق»، «ساداقەت» ۋە باشقىمۇ ئوردېن ۋە مېداللار بىلەن مۇكاپاتلانغان.
1949-يىلى، 10-ئايدا خىتاي كوممۇنىستىك ئارمىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، زۇنۇن تېيىپوف «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى ۋەزىپىسىگە بەلگىلىنىدۇ. ئۇ مىللىي ئارمىيە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسى بولۇپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ئۇنى ساقلاپ قېلىش ھەرىكەتلىرىنى قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئوڭچىللىقتا، مىللەتچىلىكتە ئەيىبلىنىپ، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا پالانغان ئىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان زۇنۇن تېيىپوفنىڭ قىزى مۇبارەك ئىسرايىلوۋا خاتىرىلەش كېچىنى ئۇيۇشتۇرغان قەھرىمان غوجامبەردى، تۇرسۇن ئارزىيېف ۋە ياشلار ئۇيۇشمىسىغا ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن ئاتام زۇنۇن تېيىپ خەلق ئۈچۈن كۈرەشكەن ئاجايىپ بىر ئىنسان. مەن ئۆزۈم تارىخ مۇئەللىمى بولغان ئۈچۈن داھىيلار ھەققىدە بالىلارغا كۆپ دەرس ئۆتەتتىم. ئويلاپ باقسام، ئاتىمىز زۇنۇن تېيىپوف، ئەخمەتجان قاسىمى، ئەلىخان تۆرە، ئامال يوق، بۇلارنىڭ ئىشى ئەمەلگە ئاشمىدى. بىراق ئۇلارنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىزنىڭ ياشلىرىمىز. شۇلار مۇشۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسە. ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ۋە ئاشقانلىقىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىنى بىزنىڭ ياشلىرىمىز چۈشەنسە ئىكەن دەيمەن. دادام ياشلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا ناھايىتى كۆپ كۆڭۈل بۆلگەن ئادەم».
مۇبارەك ئىسرايىلوۋانىڭ ئېيتىشىچە، زۇنۇن تېيىپوف 1977-يىلى بىلىم قازاقىستان مىنىستىرلىقى رەھبەرلىكىنىڭ ئالدىغا كىرىپ، 26 ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئالماتا شەھىرىدىكى ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا سىرتتىن چۈشۈشىگە ياردەملەشكەنلىكىنى، دائىم ئۆز بالىلىرىغا، باشقىمۇ ئۇيغۇر بالىلىرىغا بىلىمنىڭ ئىنسان ئۈچۈن نەقەدەر ئۇلۇغلۇقى ھەققىدە نەسىھەتلەر بەرگەن ئىدى.
زۇنۇن تېيىپوف 1961-يىلى ئائىلىسى بىلەن قازاقىستان دىيارىغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالماتا شەھىرىگە ئورۇنلىشىدۇ. ئۇ 1961- ۋە 1965-يىللار ئارىلىقىدا ئالماتادىكى ئالىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇپ، ئوزۇق-تۈلۈك سانائىتى خادىملىرى كەسپىي ئىتتىپاقىنىڭ ئالماتا ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە 1977-يىلى ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققان.
زۇنۇن تېيىپوف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ بېشىدا 1944- ۋە 1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي-ئازادلىق ئىنقىلابى ھەققىدە خاتىرە يازغان. بۇ ئەسەر «ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش» نامى بىلەن رۇس تىلىدا 1974-يىلى موسكۋادا 15 مىڭ نۇسخا بىلەن نەشر قىلىندى. مەزكۇر ئەمگەك 1977-يىلى «شەرقىي تۈركىستان يېرىدە» دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا يورۇق كۆردى. زۇنۇن تېيىپوف 1984-يىلى 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان ئالماتا شەھىرىنىڭ گورنىي گىگانت مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنى، تىلىۋالدى قۇربانوف ئەپەندى زۇنۇن تېيىپوفنىڭ ئۆمۈر بايانى ھەققىدە دوكلات قىلغان ياشلارغا ھەمدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە تولۇق تەپسىلات بەرگەن قەھرىمان غوجامبەردىگە چوڭ رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق شەخسلىرى ھەققىدە مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۇنىڭ ياشلار ئۈچۈن تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مەزكۇر پائالىيەتتە قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن كونسېرتلىق پروگرامما كۆرسىتىلدى. ئاندىن يىغىنغا كەلگەن مېھمانلار زۇنۇن تېيىپوفنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
0:00 / 0:00