«تارىخ ۋە بۈگۈن» 2013-يىلى، 12-ئاينىڭ 29-كۈنى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.12.29

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسىنىڭ بۇ قىسمىدا دىققىتىڭلارغا مەرھۇم پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى» ماۋزۇلۇق كىتابىنىڭ مەزمۇنلىرى شۇنىڭدەك 2013-يىلى تۈركىيىدە يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلەرگە ئائىت پروگرامما سانىلىدۇ.

پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى» ناملىق كىتابىدىكى ئىككىنچى بابنىڭ «مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي كۆزقاراشلىرى»ناملىق پاراگرافى

ئويغان تەييارلىدى

دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي كۆزقاراشلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا بۇددا دىنىنىڭ ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقى مەلۇمدۇر. بۇ مۇھىم مەسىلىنى ئىلمىي ئاساستا تەتقىق قىلىشتەك جاۋابكارلىق ۋەزىپىنى ئۆز ھۆددىگە ئالغان پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئۆزىنىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى» ناملىق كىتابىدا بۇنىڭغا مەخسۇس توختالغان. كىتابتىكى ئىككىنچى بابنىڭ «مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي كۆزقاراشلىرى» ناملىق پاراگرافىدا ئالىم كۇمارادجىۋا، سىڭقۇ سېلى تۇتۇڭ قاتارلىق ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرى ئىدىيىلىرىنىڭ جەمئىيەت، دۆلەت ۋە دىننىڭ بارلىق مەسىلىلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى ھەم بۇنىڭ ئۇلار ئۆزلىرى ئىجاد ئەتكەن ھەم تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئا. تۇرسۇن مۇتەپەككۇرلارنىڭ مەملىكەت ئىشلىرىغىمۇ يېقىندىن ئارىلىشىپ، بۇنىڭغا زور تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

2013-يىلى تۈركىيىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ۋەقەلەر

ئەركىن تارىم تەييارلىدى

2013-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە ۋە تۈركىيە جەمئىيىتىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى تۈركىيىدىكى پارتىيە گۇرۇھلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئېلىپ باردى. 2013-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىدە مەيدانغا چىققان يېڭىلىقلار ئالاھىدە ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە ئەركىن تارىمنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئاڭلاڭلار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.